ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

پاكىستان – جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسال مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيتى بۈگۈن باشلاندى

2011-يىلى05-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى خەۋىرى: قوشنا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان تاشقى تەشۋىقات سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد–سودا ، پەن–تېخنىكا ، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇشنى يۈكسەلدۈرۈش ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، جۇڭگونىڭ پاكىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە ، پاكىستان ئاخبارات رادىيو مىنىستىرلىقى ، پاكىستان سەنئەت كومىتېتى ۋە جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس تەشكىللىگەن 50 كىشلىك شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكى 8–مايدىن 15–مايغىچە ، پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد ۋە كاراچى شەھەرلىرىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ .

  بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇن جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ، پاكىستان ئاخبارات رادىيو مىنىستىرلىقى ، پاكىستان سەنئەت كومىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ؛ ئۈستىگە ئالغان ئورۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم راىونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى .

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى مۇنداق ئالتە چوڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :دوستلۇق سەپىرى— جۇڭگو–پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى ، بۇ سەنئەت كېچىلىكى ئايرىم ھالدا ئىسلامئاباد ۋە كاراچى شەھەرلىرىدە بەش مەيدان قويۇلىدۇ ؛ ‹‹ جەلىپكار شىنجاڭ ›› تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك فوتوگرافلار ئىشلىگەن ھەم ئىجاد قىلغان شىنجاڭ تېمىسىدىكى 160 پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ ، بۇنىڭ مەزمۇنى جەمئىي 12 چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ ، يەنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ، كۈندىلىك تۇرمۇش ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسى ، ئانتىروپولوگىيەلىك يادىكارلىقلار ، ئالاھىدە كەسىپلەر ، مەدەنىيەت–سەنئەت ، يېمەك–ئىچمەك مەدەنىيىتى ، تەبىئىي مەنزىرىلەر ، ياۋايى ھايۋاناتلار ، دىنىي ئىتىقاد ، دوستانە ئالماشتۇرۇش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خوتەن ۋىلايىتى ماسلىشىپ ئېلىپ بارغان شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات فىلىملىرىنى ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىش ، بەش مەيدان كۆرگەزمىدىن ئىبارەت ؛ ‹‹ يىپەك يولىدىكى شىنجاڭ ›› ئاساسىي تېما قىلىنغان نەشىر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى مەخسۇس ئىشلەنگەن ھەم نەشىر قىلىنغان شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرىدىغان رەسىملىك كىتاب ، كىتاب ، قاتلىما ماتېرىيال ، شىنجاڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن يەلپۈگۈچ ۋە ئېلېكترونلۇق نەشىر بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈر ، 680 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، 1–مايدىن ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كۆرگەزمە تەييارلىقىغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن ئەۋەتىپ بېرىلىدى ؛ كىنو فىلىمى ، تېلېۋېزىيە تىياتىرى ، تېلېۋېزىيە ھۆججەتلىك فىلىملىرى ، ۋە مەخسۇس فىلىملارنى كۆرگەزمە قىلىش ، كۆرسىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ ؛ دۆلىتىمىزنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىلىق ، مەدەنىيەت ھەپتىلىكى داۋامىدا پاكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹ نۇرغا چۆمۈلگەن تەڭرىتاغ ›› ، ‹‹ گۈزەل ماكان ›› قاتارلىق يۈرۈشلۈك 10 قىسىملىق فىلىم ، ‹‹ بۇ شىنجاڭلىقلار ›› دېگەن يۈرۈشلۈك مەخسۇس 13 قىسىملىق فىلىم ، ‹‹ بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي ›› دېگەن يۈرۈشلۈك بەش قىسىملىق فىلىمنى كۆرسىتىدۇ ؛ ئاسىيا–ياۋروپا يەرمەنكىسى ، قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ سودىگەر چاقىرىش ، كۆرگەزمىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى 8–ماي ئىسلامئاباد ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ، كاراچى شەھىرىدە مەخسۇس تېمىدا تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئاچىدۇ ؛ جۇڭگولۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا شىنجاڭ تېمىسىدىكى نادىر كىنو فىلىمى ، تېلېۋېزىيە تىياتىرى فىلىملىرىنى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ . پاكىستاندا جۇڭگولۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار كۆپ بولۇپ ، ئەلئارا تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹ مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھايات ›› ، ‹‹ بىپايات تەڭرىتاغ ›› ، ‹‹ شىنجاڭلىق گۈلى ›› ، ‹‹ پاختا تەرگۈچى ئاچا–سىڭىللار ›› دىن ئىبارەت تۆت قىسىم تېلېۋېزىيە تىياتىرى ، ‹‹ مەمەتنىڭ 2008–يىلى ›› ، ‹‹ ئەزىم دەريا ›› ، ‹‹ تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى ›› ، ‹‹ قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى ›› ، ‹‹ غېرىب–سەنەم ›› ، ‹‹ ناخشا ئېيتالايدىغان بەرەڭگە ›› ، ‹‹ ساپ قەلب ›› ، ‹‹ ۋىجدان ›› ، ‹‹ يولباشلىغۇچى ›› ، ‹‹ مەمەتنىڭ تەرجىمھالى ›› قاتارلىق ھەر بىرسى 60 يۈرۈشتىن 10 قىسىم فىلىم سوۋغا قىلىنىدۇ .

    مەدەنىيەت ھەپتىلىكى داۋامىدا ، پاكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى ئاشىف ئەلى زەردارى ، زۇڭلى يۈسۈف لاجا جىلانى ، پارلامېنت باشلىقى ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ۋە ئۈچ خىل ئارمىيە گېنېراللىرى قاتارلىق رەھبەرلەر تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ ؛ ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستاندىكى مەزگىلىدە پاكىستان ئاخبارات رادىيو مىنىستىرى فېردوس ، پاكىستان سەنئەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ جيەن ، سىند ئۆلكىلىك پارلامنېتنىڭ باشلىقى ، مەدەنىيەت مىنىسىتىرى ، راۋەلپىندى جۇڭگولۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لاجاخان ، گىلگىت–باردىستان ئۆلكىلىك جۇڭگولۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قەييۇم قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەمدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ .

    ‹‹ جەلىپكار شىنجاڭ ›› تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما :

                 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!