جۇڭگو ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ‹‹ بازا ›› تەشكىلاتى يەمەن زۇڭتۇڭىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا ، تالىبان ئاففانىستاننىڭ قەندەھارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ، ۋاشىنگىتوندىكى نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەر نامەلۇم كۈكۈنسىمان ماددىنى تاپشۇرۇۋالغان ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ ؟
رېيتىر ئاگېنتلىقى بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بازا تەشكىلاتىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، باياناتتا بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن باشقا يەنە ‹‹ لادىننىڭ قېنى بىكارغا ئاقمايدۇ ›› دېيىلگەن ھەمدە بازا تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ پات ئارىدا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەمدە بازا تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرىغا قوغلاپ زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ، ئامېرىكا فوكس ئاخبارات قانىلى ۋاشىنگىتوندىكى نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەرنىڭ نامەلۇم كۈكۈنسىمان ماددا قاچىلانغان پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان . ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ۋاشىنگىتوندىكى 34 مەكتەپ بۇ گۇمانلىق پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بازا تەشكىلاتى ئەڭ جانلانغان يەمەندىمۇ شۇ يەر ۋاقتى 6 -ماي ، يۈز نەچچە مىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار سانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان .