ئەسقەت كەرىمباي ھۆرىيەت ئىسمائىلوۋا بىلەن بىرگە
فىڭ جىن خەۋىرى : بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 60 يىل بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي 3 – ماي ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى قىسمەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم ئەزالار بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەسلىدى، ئەزالارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەسقەت كەرىمباي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ‹‹تەڭرىتاغ›› كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ 2 – دەرىجىلىك رىژېسسورى ھۆرىيەت ئىسمائىلوۋا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى جارقىن بېكەش، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 4 – ، 5 – ، 6 – ۋە 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ شىجېننى يوقلىدى.
ئەسقەت كەرىمباي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇزاقتىن بۇيان تۆھپە قوشقانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ تەشكىلىي قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىدىغان مۇھىم ئاپپارات، ھەم ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم شەكىل بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا ئۆزگىچە ۋە ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان مۇھىم رولغا ئىگە.
ئەسقەت كەرىمباي ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ماسلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.