ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

دۆلەت ئىچىدىكى 16 كارخانا قەشقەر شەھىرىگە ماكانلاشتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

ۋىلايەت، شەھەر رەھبەرلىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىرلىكتە قۇرۇلۇش باشلاش ئۈچۈن لېنتا كەسمەكتە

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: 5- ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئېلىمىزدىكى 16 كارخانىنىڭ قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا مەبلەغ سېلىپ، زاۋۇت قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبى ئاسىيا سانائەت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر ۋىلايىتى، قەشقەر شەھىرىنىڭ تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگان، يېزا-بازارلاردىن كەلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ئىشچىلار بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى بۇ  مۇراسىمغا قاتناشتى.

   بۇ 16 كارخانىنىڭ سالىدىغان ئومۇمى مەبلىغى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھالەرگە چېتىلىدۇ.

ۋىلايەت، شەھەر رەھبەرلىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىرلىكتە قۇرۇلۇشقا ئۇل سالماقتا

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى زېڭ سۈن سۆز قىلماقتا

ساليوت ئېتىلىپ تەبرىكلەنمەكتە

شىنجاڭ نېفىت گورۇھى ‹‹شىنجى›› چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى(ئوڭدا) تۈر پىلانىنى تونۇشتۇرماقتا

قەشقەر شەھەر ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبى ئاسىيا سانائەت باغچىسى رايونى خادىمى تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكتە

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر