ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 11 -ماي چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 -قارار ئاز سانلىق مىللەت ئەدلىيەخانا باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى . ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 133 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئەدلىيەخانا باشلىقلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تۇنجى سائەتلىك دەرسنى باشلىدى . يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز ھوشۇر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى .
ئابلىز ھوشۇر شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتلارنى يىغىنچاقلىدى ھەم ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان قىسمەن مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرغان ئاساستا بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭىدىن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنى ئېيتىپ ئۆتتى .
ئابلىز ھوشۇر مۇنداق دېدى : ئاپتونوم رايون بويىچە 1 -قارار ئاز سانلىق مىللەت ئەدلىيەخانا باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ مەملىكەتلىك ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم تەدبىرى ، شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام ئەدلىيە مەمۇرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ياخشى چارىسى ھېسابلىنىدۇ ، يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ئەدلىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ بىلىم سەۋىيەسىنى كۈچەيتىش ، ئاساسىي قاتلام ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بولسا ئىناق ، مۇقىم شىنجاڭ قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 -قارار ئاز سانلىق مىللەت ئەدلىيەخانا باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، بۇ ئاز سانلىق مىللەت ئەدلىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەشتە ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق كۇرس ھېسابلىنىدىكەن .