ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

شىمالىي كورىيە كورىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن 180 مىڭ چەتئەللىكنى تۇتقۇن قىلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
5-ئاينىڭ 14-كۈنى نەشىردىن چىققان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتى شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى 12-ماي ۋاشىنگتوندا دوكلات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيە (چاۋشىيەن) كورىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ھازىرغىچە يا
   


  5-ئاينىڭ 14-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتى «شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى» 12-ماي ۋاشىنگتوندا دوكلات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيە (چاۋشىيەن) كورىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ھازىرغىچە ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، تايلاند قاتارلىق 12 دۆلەت ۋە رايوندىن جەمئىي 180 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى دېگەن. مەزكۇر تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەنى قايتىدىن «تېرورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى دەۋەت قىلغان، يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئىتتىپاق تەشكىل قىلىپ، شىمالىي كورىيەگە بىرلىكتە بېسىم قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق ئالاھىدە ئەلچىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر