ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نۇرگۇل ھاجى ، ئەزىزجان مۇھەممەد خەۋىرى: 14-ماي، قاغىلىق ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى مېيىپلارغا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق يورۇتىلىدىغان چىراغ ، موتسىكىلىت يېقىلغۇ تولۇقلىمىسى ، ۋاكالىتەن باققۇچىلارغا مەخسۇس تۈر ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . مۇئاۋىن ھاكىم يۈ جۈن ، ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى، 80 نەچچە نەپەر مېيىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە ، قاغىلىق ناھىيەسىدە 28 مىڭ 290 نەپەر مېيىپ بار بولۇپ ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %6.7 ىنى ئىگىلەيدىكەن . ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش–جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ ، قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مېيىپلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت مۇھىتى ۋە شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشلاپ، تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگەن .
شۇ كۈندىكى مۇراسىمدا ، مۇئاۋىن ھاكىم يۈ جۈن قاتارلىقلار شىخشۇ يېزىسىدىن كەلگەن 84 نەپەر مېيىپقا 420 مىڭ يۈەن قىممىتىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق يورۇيدىغان چىراغ تارقىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ‹‹جىن چىراغ›› ئىشىلىتىش تۇرمۇشىغا خاتىمە بەردى . 34 نەپەر ئېغىر مېيىپنىڭ ۋاكالىتەن باققۇچىلىرىغا 36 مىڭ يۈەن مەخسۇس بېقىش ياردەم پۇلى ، 125 نەپەر مېيىپقا 50 مىڭ يۈەن موتسىكىلىت يېقىلغۇ تولۇقلىما پۇلى تارقىتىپ بەردى . ئاخىرىدا ، مېيىپلار كۆپچىلىككە ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى .