ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى، فوتوسى: 28-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، 7–نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ، جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى شىنجاڭ قەشقەر خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى .
يەرمەنكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش
بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت ، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ياڭ شوڭ ، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى شۈ چىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئۆلكە باشلىقى شيا جىخېڭ ، شەندۇڭ ئۆلكىسى ئۆلكە باشلىقى ياردەمچىسى جۇۋ چى ، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ كەيۋېن ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى شى داگاڭ ، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەسۇتخان قاتارلىقلار قاتناشتى.
يەرمەنكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش



ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمىقى ‹‹قەشقەر›› يەرمەنكىسىگە 300 دىن ئارتۇق كارخانا قاتناشقان بولۇپ ، 120 دىن ئارتۇق يەرمەنكە ئورنى تەسىس قىلىنغان .
قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسنىڭ دېيىشىچە ، كۆلىمى چوڭ ، دەرىجىسى يۇقىرى ، خاسلىقى روشەن ، شەكلى يېڭى ۋە جەلپكار ، شۇنداقلا تەسىرى زور بولۇش بۇ نۆۋەتلىك ‹‹قەشقەر›› يەرمەنكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدىكەن .
ھەر قايسى جايلاردىن ئەۋەتىلگەن تەبرىك لوزۇنكىلىرى
بۇ قېتىمقى ‹‹قەشقەر›› يەرمەنكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ، قەشقەر ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۇزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق سودا يەرمەنكىسى بولۇپ ، 6-نۆۋەتلىك قەشقەر يەرمەنكىسىگە سېلىشتۇرغاندا ، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر ۋە يېڭىلىقلار بولدى . بۇ ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىقلارنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
بىرىنچىدىن ، بۇ نۆۋەتلىك ‹‹قەشقەر›› يەرمەنكىسى ئىككىنچى نۆۋەتلىك قەشقەر ‹‹يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت ›› ساياھەت–مەدەنىيەت بايرىمى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلدى . يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ، كارخانىلار ۋە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سانى جەھەتتە ئالدىنقى قېتىمقى يەرمەنكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا يېڭى رېكورت ياراتقان . ھەرخىل سودا ، ساياھەت، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى يەرمەنكىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، يەرمەنكىدە ھەر كۈنى چوڭ پائالىيەت بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان .
ئىككىنچىدىن ، ئاساسىي يەرمەنكە نۇقتىسىدىن باشقا يەنە قوشۇمچە يەرمەنكە نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ ، مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ سەرخىل ۋە تولۇق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان . يەرمەنكە زاللىرىنىڭ لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە ۋە كۆركەم بولغان . ئۈچىنچىدىن ، يەرمەنكىگە تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ھۆكۈمەتنى ئاساس قىلىشتىن ، كارخانىلارنى ئاساس قىلىشقا يۈزلەنگەن . يەرمەنكىگە قاتناشقانلار چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ سانى 1600 دىن ئاشقان بولۇپ ، بۇلتۇرقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن . دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلار ئۆمىكىنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان .