ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

خانىقاتام يېزىسىدىكى 100 چارۋىچى ئائىلىسى قارا چىراغدىن قۇتۇلدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى ، فوتوسى: 15-نويابىر، كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىسىدىكى 100 ئائىلىلىك چارۋىچى ئائىلىسىدىكى 500 دىن ئارتۇق كىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بىر قېتىم زور غەمخورلۇقىغا ئېرىشتى . بۇ كۈنى خانىقاتام يېزىلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىدىن ھەقسىز ياردەم بەرگەن 600 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى چەت-يىراق جايلاردىكى توك يوق 100 ئائىلىلىك دېھقان–چارۋىچى ئائىلىسىگە تارقىتىش بەردى.

   خانىقاتام يېزىسى ناھىيە مەركىزىدىن 75 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ، نوپۇسى كۆپ ، ئاھالىسى تارقاق ، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، 2006-يىلى بۇ يېزىنىڭ كۆپ ساندىكى ئورۇنلىرىغا توك يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم چەت–يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ھازىرغا قەدەر توك يەتكۈزۈلمىگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن ۋە پارتىيەنىڭ فاڭجېن–سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشىغا ، بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ۋە تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلىرىغا بىر قىسىم قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى .

   ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاۋغۇستتا نىڭبو شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىدىن بۇ ناھىيەگە ھەقسىز ياردەم بەرگەن قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسدىن بۇ يېزىغا بىرىنچى تۈركۈمدە 100 دانە تەقسىم قىلغان بولۇپ ، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قابىل خادىملاردىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، ھەربىر دېھقان–چارۋىچى ئائىلىسىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، بۇ يورۇقلۇق تۈر قۇرۇلۇشىدىكى قۇياش ئېنىرگىيەلىك توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى ھەقىقىي بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تۈپ نىشان قىلىپ ، قايتا-قايتا بېكىتىش ، ئاشكارىلاش، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ، ئادىل، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق، 15-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن قۇياش ئېنېرگىيىلىك توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۈسكۈنىلەرنى 100 ئائىلىلىك دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى.

    بۇ تۈردىن مەنپەئەتلەنگەن ، خانىقاتام يېزا نو باشلام كەنتىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئولتۇرۇشلۇق چارۋىچى ئايىمخان يۈسۈپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن 40 يىلدىن بۇيان قارا چىراغ بىلەن ئۆتكەن ئىدىم ، بۈگۈن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ، جۈملىدىن نىڭبو شەھىرىنىڭ ياردەم بېرىشى، ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى، يېزىلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىز چارۋىچىلارغا يەتكۈزگەن ئەڭ ئالىي غەمخورلۇقىغا ئىرىشتىم ، ئەمدى ئۆيىمىزدە توك چىراغ ، تېلېۋىزور بار بولدى ، تېخى بۇ ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ توڭلاتقۇ ، كىرئالغۇلارنىمۇ ئىشلىتەلەيدىكەنمىز ، ئەمدى تۇرمۇشىمىز تېخمۇ ياخشىلىنىدىغان بولدى ، قارا چىراغ ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، بىز قارا چىراغنىڭ 40 يىللىق تارىخىغا خاتمە بەردۇق، بىز تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىمىز.

    خانىقاتام يېزىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەر راخماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ تۈر ناھىيەنىڭ ‹‹ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يىلى›› دىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا قىلىپ بەرگەن بىر تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ ، ھازىر بۇ تۈردىن بۇ يېزىدىكى 100 ئائىلىلىك مەنپەئەتلەنگەن ۋە مەخسۇس ئاجرىتىپ بېرىلگەن تېخنىك خادىملارنىڭ ياردىمىدە ئۆيلىرىگە ئورنىتىۋالغان . ئىگىلىنىشىچە، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھەممە ئائىلىدە توك بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!