ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

قاراشەھەرناھىيەسى قىزىل رەڭلىك كەسىپنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇردى

2011-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى : بۇ يىل قاراشەھەر ناھىيەسى 32 مىڭ 300 مو يەرگە مۇچ تېرىپ ، مو بېشى مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 325 كىلوگىرامغا يەتكۈزدى . قاراشەھەر ناھىيەسىدە يەنە ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كەسپىمۇ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 100 مىڭ موغا يەتتى.

   شۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹‹خۇاڭسەن›› بىئو تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يوپۇرماق پىگمېنت ئايرىش تۈرى، ‹‹چىنيۇ›› مۇچ پىششىقلاش شىركىتىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 40 توننىلىق پەمىدۇر قىزىل پىگمېنت ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ۋە 200 توننىلىق مۇچ ئۇرۇقى يېيىقى تۈرى ، ‹‹جىنمەي›› مۇچ پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتىنىڭ مۇچنى ئېكسپورت قىلىش تۈرى قاتارلىق تۈرلەرمۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. بۇ يىل قارا شەھەر ناھىيەسىنىڭ قىزىل رەڭلىك كەسپى بويىچە دېھقانلارنىڭ كۆپەيگەن كىرىمى 2016 يۈەنگە يېتىپ ، يىللىق كىشى بېشى كىرىمىنىڭ %20 ىنى ئىگىلىدى . بۇ ناھىيە قىزىل رەڭلىك كەسىپلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئىلغار تېخنىكىلارنى پائال كىرگۈزۈپ ، قىزىل رەڭلىك سودا زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ ، قىزىل رەڭلىك كەسىپنى دېھقانلار كىرىمىنىڭ كۆپىيىشىدىكى يېڭى، يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇردى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!