ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭدا ئۈچ قېتىملىق زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

2012-يىلى01-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
   20-يانۋار چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ، 16-يانۋاردىن 17-يانۋارغىچە، شىنجاڭدا ئۇدا يۈز بەرگەن ، بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئادەم سانى ئۈچتىن ئاشقان ئۈچ قېتىملىق زور قاتناش ۋەقەسىنى ئۇقتۇ
  

   20-يانۋار چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ، 16-يانۋاردىن 17-يانۋارغىچە، شىنجاڭدا ئۇدا يۈز بەرگەن ، بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئادەم سانى ئۈچتىن ئاشقان ئۈچ قېتىملىق زور قاتناش ۋەقەسىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى . دەسلەپكى تەكشۈرۈپ بېكىتىلىشىچە ، ھادىسە تۇغدۇرغان ئاپتوموبىللار ئاساسەن كىچىك تىپكى ئاپتوموبىللار بولۇپ ، ھادىسە تەخمىنەن سەھەر سائەت 2:00 دىن 4:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن .

   قاتناش ساقچى تارماقلىرى كەڭ شوپۇر دوستلارنىڭ چاغان مەزگىلىدە سەپەرگە چىققاندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىمەسلىك ، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالماسلىق ھەمدە چارچاپ كەتكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكنى ئالاھىدە سەمىمىي ئەسكەرتىدۇ.

16-يانۋاردىكى قاتناش ۋەقەسى نەق مەيدان سۈرىتى

   16-يانۋار سائەت 3:00 لەردە، قومۇل شەھىرى دۆلەت يولى 312-لىنىيەنىڭ 3611 كىلومېتىرلىق بۆلكىدە غەربتىن شەرققە قاراپ كېتىۋاتقان ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بىر پىكاپ ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، پىكاپتىكى شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئادەمنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندا قازا قىلغان .

 16-يانۋاردىكى قاتناش ۋەقەسى نەق مەيدان سۈرىتى

   16-يانۋار سائەت 3:50 لەر ئۆتكەندە ، BYD ماركىلىق كىچىك تىپتىكى پىكاپ كورلا شەھىرىگە تەۋە G3012 لىنىيەسىنىڭ 366 كىلومېتىرلىق بۆلكىدە، غەربتىن شەققە قاراپ كېتىۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ كېتىپ ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان ، ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلانغان.

17-يانۋاردىكى قاتناش ۋەقەسى نەق مەيدان سۈرىتى

   17-يانۋار سائەت 2:15 لەر ئۆتكەندە، ليەنيۈنگاڭ -قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 3115 كىلومېتىرلىق بۆلكىدە، 新M-49755 نومۇرلۇق بىر پىكاپ (غەربتىن شەرققە ماڭغان) 新A-81791 نومۇرلۇق بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى يانداپ ئۆتۈپ، ئالدىدا كېتىۋاتقان يەنە بىر ئاپتوموبىلنى يانداپ ئۆتمەكچى بولغاندا ، ئالدى تەرەپتىن قارشى يۆنىلىشتە كېلىۋاتقاندا 宁D-92100 نومۇرلۇق چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوبىلىغا سوقۇلۇپ كەتكەن ، بۇنىڭ بىلەن 宁D-92100 نومۇرلۇق يۈك ئاپتوموبىلى كونتروللىقىنى يوقىتىپ ، ئالدى تەرەپتىكى قارشى يۆنىلىشتە كېلىۋاتقان 新A-81791 نومۇرلۇق ئاپتوبۇسقا سوقۇلۇپ ، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ كەتكەن . 新M-49755 نومۇرلۇق پىكاپ يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلغاندىن كېيىن تېيىلىپ بېرىپ رىشاتكىغا سوقۇلۇپ ، ئارقىدىنلا ئوت كەتكەن . بۇ قېتىمقى ۋەقەدە  新M-49755 نومۇرلۇق پىكاپتىكى شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان ، 宁D-92100 نومۇرلۇق ئاپتوموبىلدىكى ئىككى كىشى يارىلانغان ،新A-81791 نومۇرلۇق ئاپتوبۇستىكى ئىككى ئادەم يارىلانغان . پىكاپتىكى قازا قىلغۇچىلار بىر ئائىلە كىشلىرى بولۇپ ، ئەر-ئايال ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى (ئالتە ياش ، 14 ياش) نەق مەيداندا قازا قىلغان .

   ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، يېڭى يىل كىرگەندىن تارتىپ 18-يانۋارغىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 129 قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 52 ئادەم قازا قىلغان ، 136 ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىملىق ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلار سانى ئۈچتىن ئاشقان زور قاتناش ۋەقەسىدىن ئۈچى يۈز بېرىپ ، 13 ئادەم قازا قىلغان ، ئالتە ئادەم يارىلانغان .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!