ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

تارلاق يېزىسى سېلىنمىنى زورايتىپ، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى

2011-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غالىب تۇرسۇن خەۋىرى : بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تارلاق يېزىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، يېڭى يېزا قۇرۇش ئاساسىي مىلودىيەسىنى ياڭرىتىپ ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى .

    تارلاق يېزىسى بۇ يىلقى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يىلى پۇرسىتىنى غەنىمەت بىلىپ ، 9 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 185 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ ، 815 نەپەر ئاممىنى يېڭى ، ئازادە ، يورۇق ، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى . 2 مىليون 700 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ ، 2.2 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا، كەنت تاشيولىنى قارامايلاشتۇردى، 600 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ ، ئاساسلىق كوچىلارنى يورۇتۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى . 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، كونىراپ كەتكەن قۇمدۆڭ كەنتىنىڭ ئېقىن كۆۋرۈكىنى يېڭىلىدى . 3 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ، 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ ، مەركەزلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى . 2 مىليون 270 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەسلىھەلىرى ، بىر كەنت ۋە تۆت پۇنكىتنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرىنى كېڭەيتىپ يېڭىلىدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!