جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ چىلىنى مەملىكەت بازارلىرىدا كۈنسېرى بازار تاپتى. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلار يەرلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئالاھىدە باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ چىلىنىڭ مەملىكەت بازارلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى يىلمۇ-يىل ئۆستۈردى، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلار چىلان ئارقىلىق كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشقا يۈزلەندى.
يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان شىنجاڭنىڭ ئورگانىك چىلىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدا شىنجاڭ چىلىنى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن مەملىكەت بازارلىرىغا كىرگەن، يېقىندا مەملىكەت بازارلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %15تىن %20كىچە يەتكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىلان قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ياخشى مەھسۇلات سۈپىتىدە قارشى ئېلىنماقتا. ئىگىلىنىشىچە، چىلان قۇۋۋەت تولۇقلاش، مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ۋىتامىن سى مولكەن. 11-ئاي چىلان تازا سېتىلىدىغان پەسىل، شىنجاڭنىڭ ئورگانىك چىلىنى، چىلان ئىچىملىكى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئارقا-ئارقىدىن بازارغا كىرگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!