ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

كۇچادىكى بەش زور ئېشىش

2011-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئەخمەت ئىسمائىل ، مۇتەللىپ راخمان خەۋىرى : «12-بەش يىل»لىق پىلاننىڭ تۇنجى يىلى ھەم «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى » بولغان بۇ يىلدا كۇچا ناھىيەسى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە يېڭىچە ئۈنۈم ، يېڭىچە ئىسلاھات ۋە سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى يول قويغاچقا ، كۇچادىكى ئاساسلىق بەش چوڭ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى .

   بۇ ناھىيە يىل بېشىدىن باشلاپ تۈزگەن‹‹ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيە››،‹‹سەككىز چوڭ سانائەت تەرەققىيات ئەندىزىسى›› ، ‹‹ئون چوڭ قۇرۇلۇش››دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ ، كۇچاغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىنىڭ 28 مىليارد 580 مىليون يۈەنلىك خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ئىمزالانغان 10 مىليارد 280 مىليون يۈەنلىك ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش قاتارلىق چوڭ تۈرلەر كۇچا ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى .

    بىرىنچى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى زور دەرىجىدە ئاشتى

    بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئورۇندالغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6مىليارد 701مىليون 480 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %25.88 ئاشتى ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 852 مىليون 840 مىڭ يۈەنگە، 2-كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 264 مىليون 470 مىڭ يۈەنگە، 3-كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 584 مىليون 170مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %5.80 ،%27.14 ۋە % 36.55 ئاشتى .

    ئىككىنچى ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى زور دەرىجىدە ئاشتى

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، كۇچا ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ناھىيەنىڭ «1-نومۇر››لۇق مۇھىم خىزمىتى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ، ناھىيەنى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا تەشۋىق قىلىش ، تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەتىراپلىق ياخشى ئىشلىدى ، بولۇپمۇ مەبلەغ كىرگۈزۈش شارائىتىنى ھەر جەھەتتىن ياخشىلاپ ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى . بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 6مىليارد 677 مىليون 270مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.94 ئېشىپ ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %95.45 ى ئورۇندالدى .

   ئۈچىنچى ، سانائەت تەرەققىياتى مۇقىم سۈرئەتتە ئاشتى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسى سانائەتتە كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ ، يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىش قەدىمىنى تېزلىتىپ ، بايلىق ئەۋزەللىكنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ ، سانائەتنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى .

    بۇ ناھىيە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، مەۋقەنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چوڭ «گۇرۇھ» ، چوڭ كارخانا ، شىركەتلەرگە قارتىپ ، ئەمەلى كۈچى زور بولغان جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى كۇچا تارىم دەريا شۆبە شىركىتى ، «شۈجۇ»كانچىلىق گۇرۇھى ، «كەيلۇەن»گۇرۇھى ، ئاقسۇ خۇاجىن خىمىيەۋىي ئوغۇت زاۋۇتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 60 كە يېقىن مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق بولغان كارخانا ، شىركەتلەر كۇچانىڭ سانائەت ئىقتىسادىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى . يانۋاردىن سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئورۇندالغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلاتى قىممىتى 17 مىليارد 470 مىليون 389 مىڭ يۈەنگە ، سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 3 مىليارد 755 مىليون 575 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %56.12 ۋە %31.03 ئاشتى .

    تۆتىنچى ، يەرلىك مالىيە كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى

    بۇ ناھىيە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاكتىپ مالىيە باشقۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، باج مەنبەلىرىنى ئېچىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكتىن ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ناھىيەنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمى 1 مىليارد 922 مىليون 790 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 62.45 ئاشتى ، بۇنىڭ ئىچىدە يىغىۋېلىنغان باج كىرىمى 1مىليارد 828 مىليون 470 مىڭ يۈەنگە ، دۆلەتلىك باج كىرىم 947 مىليون 650 مىڭ يۈەنگە ، يەرلىك باج كىرىم 880 مىليون 820 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %63 ،%69.60 ۋە %56.45 ئاشتى .

    بەشىنچى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ماس ھالدا ئاشتى

    دۆلەتنىڭ يېزىلارغا قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش ، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى ۋە ئالاھىدە باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ۋە 2-، 3-كەسىپتىن ئېرىشكەن كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، شەھەر ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ 2010-يىلدىكىدىن 782 ~ 1478يۈەنگىچە ئېشىشى مۇقىملىشىپ قالدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!