ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 20 مىليون 88 مىڭ يۈەن ئۆي سېلىش تولۇقلىما پۇلىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەدجان مۇرتىزا خەۋىرى : ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تۇنجى تۈركۈمدە يېڭىدىن ئۆي سالغان 5022 دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىگە 20 مىليون 88 مىڭ يۈەن تولۇقلىما پۇلى تارقىتىپ بەردى.

    ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئەمىن تاپقۇزۇپ ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، بۇ قۇرۇلۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردى . 2011-يىلى پۈتۈن ناھىيەدىكى 5022 ئائىلىلىكنىڭ ھەربىرى 80 كىۋادرات مېتىردىن ، سۇ ، توك يوللىرى ، مۇداپىئە تام ، قوتان ، ئاشخانا ، ھاجەتخانا، پاتقاق گازى كۆلچىكى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق يۈرۈشلەشكەن ئۆي سالدى .  

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!