ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان 47 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ 101 دانە ھەربىي پاراخوت ياسايدۇ

2011-يىلى05-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى: ھىندىستان تووراس ئاگېنتلىقىنىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە 46 مىليارد 960 مىليون ئا
  


جۇڭگو خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى: ھىندىستان تووراس ئاگېنتلىقىنىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە 46 مىليارد 960 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، 101 دانە ھەر خىل تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلارنى ياساپ چىقىدىكەن.
خەۋەردە ئامېرىكا AMI دېڭىز ئارمىيىسى ئىشلىرى ئانالىزى مەسلىھەتچىلىك شېركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى بوبنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ غايەت زور راسخوتى ئاساسلىقى يېڭى تىپتىكى قوغلىغۇچى پاراخوت، ئىلغار پاراخوتقا سەپلىنىدىغان رادار، يادرو ھەركەتلەندۈرگۈچلۈك سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە سۇ قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان قۇرۇقلۇققا چىققۇچى پاراخوت قاتارلىقلارنى ياساشقا سەرپ قىلىنىدىكەن. ئۇ يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوت ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنى تەتقىق قىلغان بۇ مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي خىراجىتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پۈتكۈل دېڭىز ئارمىيە ھەربىي راسخوتىنىڭ %27.8 نى ئىگەللەيدىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!