ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 17–ماي خەۋىرى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ‹‹بازا ››تەشكىلاتى مىسىر ئالاھىدە قىسمىنىڭ سابىق ئەزاسى سەيف.ئادلنى بىن لادېدىندىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ‹‹كاتتېباش ›› قىلىپ تاللىغان .
خەۋەردە ، ئەنگىلىيەنىڭ لىۋىيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ، لىۋىيەدىكى سابىق قوراللىق ئۇنسۇر نومان . بېن نوتماننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ ، ‹‹بازا ›› تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەچىسى ۋە ‹‹نوپۇزلۇق ›› قوراللىق كاتتېبىشى ، مىسىر ئالاھىدە قىسىمىنىڭ سابىق ئەزاسى سەيف . ئادل بىن لادېندىن كېيىنكى ئۆتكۈنچە مەزگىللىك ‹‹كاتتېباش ›› بولۇپ تاللانغان ، دېيىلدى.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، سەيف . ئادل ئىلگىرى مىسىر ئالاھىدە قىسمدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە پولكوۋنىك بولغان . ئۇ ، 1998–يىلدىكى ئامېرىكىنىڭ كېنىيە ۋە تانزانىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىنى پارتلىتىشقا ياردەملەشكەن دەپ ئەيىپلەنگەن . قوراللىق ئۇنسۇرلارغا پارتلاتقۇچ دورا ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن ، ‹‹11–سىنتەبىر ››ۋەقەسىگە قاتناشقان دەپ پەرەز قىلىنغان . نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى سومالىدا بىر تېررورچىلارنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرغان دەپ قارايدىكەن .