جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى: تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 17-ماي چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىن لادىننى يوقىتىش ھەرىكىتىدە چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ قۇيرۇق قىسىم قالدۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى (John Kerry ) كېررىي بىلەن 16-ماي ئىسلامئابادتا پاكىستان دائىرلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇ پاكىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتا قۇرۇشىدىكى كۆپلىگەن تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
كېرري ئىككى دۆلەتنىڭ قايسى تەدبىرلەرگە قوشۇلۇشقانلىقىنى ئاشكارلىمىغان.
بىن لادىننى يوقىتىش ھەرىكىتىدە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز يىلپىزى ئالاھىدە قىسىمى ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن كاشىلا چىقىپ، بىن لادىننىڭ تۇرالغۇسىنىڭ سىرتىدا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسىمىنىڭ قالدۇقىغا ئالاقىدار سۈرەتلەردىن كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قارا بۈركۈت تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن.