ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

موڭغۇلىيە ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ يادرو ئەخلىتى زاۋۇتى قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەر شارى تورىنىڭ 12-ماي خەۋىرى: ئەنگىلىيە رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە موڭغۇلىيەدە يادرو ئەخلىتى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرماقچى بولىۋاتىدۇ دېگەن ئۇچۇرغا قارىتا، موڭغۇلىيەنىڭ ۋېينادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان
   


يەر شارى تورىنىڭ 12-ماي خەۋىرى: ئەنگىلىيە رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە موڭغۇلىيەدە يادرو ئەخلىتى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرماقچى بولىۋاتىدۇ دېگەن ئۇچۇرغا قارىتا، موڭغۇلىيەنىڭ ۋېينادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ ئىنكار قىلغا ھەمدە موڭغۇلىيە باشقا دۆلەت سودىگەرلىرى بىلەن يادرو ئەخلىتى «ئىمپورت قىلىش» مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشمىدى دېگەن.
ياپونىيە ئاخباراتلىرى خەۋەر قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىرلىشىپ موڭغۇلىيەدە يادرو ئەخلىتى زاۋۇتى قۇرماقچى بولىۋاتىدۇ، ئامېرىكا مەزكۇر مەسىلىدە موڭغۇلىيە ئەمەلدارى بىلەن «بى رەسىمى سۆھبەتلەشتى» دېگەن. موڭغۇلىيەنىڭ ۋېينادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تور بېتى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ چۈشەنچە بەرگەن، باياناتتا:«موڭغۇلىيە يادرو ئەخلىتى ئىمپورت قىلىشنى ئويلاشقىنى يوق، ھېچقانداق دۆلەت ياكى سودىگەر بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەردىن يادرو ئەخلىتى قوبۇل قىلىش ئىشىنى سۆھبەتلەشكىنى يوق، موڭغۇلىيە قانۇنى موڭغۇلىيەگە يادرو ئەخلىتى تۆكۈشنى ياكى بىر تەرەپ قىلىشنى چەكلەيدۇ» دېگەن.
موڭغۇلىيە ئەلچىخانىسى كۆپلىگەن دۆلەتلەر مولغۇلىيەدىكى ئۇران كانىنى ئېچىشقا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئەمما موڭغۇلىيە باشقا دۆلەتلەر بىلەن دۆلەت ئىچى قانۇنى رامكىسى ۋە خەلقئارالىق بەلگىلىمە ۋە ئۆلچەم بويىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. موڭغۇلىيە ئەلچىسىخانىسى يەنە:«بۇ دېگەن سەزگۈر مەسىلە، بۇ بايلىقلارنى قانداق پايدىنلىنىشنى قارار قىلىشقا ۋاقىت كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكا ياپونىيە موڭغۇلىيەدە يادرو ئەخلىتى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر