ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ

2011-يىلى05-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    گوۋۇيۈەننىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹يەككە سودا – سانائەتچىلەر نىزامى›› دا يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت دائىرىسى كېڭەيتىلگەن. يەككە سودا – سانائەتچىلىككە تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلىدىغان تىجارەت دائىرىسىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزام چەكلىگەن كەسىپ بولمىسىلا، تىزىمغا ئېلىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالسا بولىدۇ. ‹‹نىزام›› 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1987 – يىلى 5 – ئايدا ئېلان قىلىنغان ‹‹شەھەر – بازارلاردىكى يەككە سودا – سانائەتچىلەرنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ.

    ئەسلىدىكى ۋاقىتلىق نىزامدا بەلگىلەنگەن يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت دائىرىسى دۆلەت قانۇنى ۋە سىياسىتىدە رۇخسەت قىلىنغان دائىرە ئىچىدىكى سانائەت، قول سانائىتى، بىناكارلىق، قاتناش – تىرانسپورتى، سودا، يېمەك – ئىچمەك سانائىتى، مۇلازىمەت كەسپى، رېمونتچىلىق كەسپى ۋە باشقا كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئەسلىدىكى ۋاقىتلىق نىزامدا يەنە يەككە سودا – سانائەتچىلەر تىجارەت ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر – ئىككى ياردەمچى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ؛ تېخنىكىسى بار يەككە سودا – سانائەتچىلەر ئۈچ – تۆت شاگىرت قوبۇل قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنىدى. يېڭى نىزامدا بۇ چەكلىمە بىكار قىلىندى، يەككە سودا – سانائەتچىلەر تىزىملىتىشقا تېگىشلىك ئاساسىي تۈردىكى ‹‹كەسىپكارلار سانى›› تۈرىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

    يېڭى نىزامغا ئاساسلانغاندا، يەككە سودا – سانائەتچىلەر تىجارىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسە ھەمدە تەكلىپ قىلغانلار بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە توختام – پۈتۈم مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتىسە بولىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى يەككە سودا – سانائەتچىلەر 34 مىليون 528 مىڭ 900 گە، تىزىمغا ئالدۇرغان كەسىپكارلار 70 مىليون 976 مىڭ 700 گە يەتكەن.

   ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!