ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 18–ماي سۈرىيە زۇڭتۇڭى ئاساد قاتارلىق يەتتە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى جازالاش بۇيرۇقى چۈشۈردى.
ئوباما سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچەيگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، 18–ماي چۈشتىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ زۇڭتۇڭى ئاساد، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سارا، زۇڭلى سافار، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك يەتتە نەپەر ئەمەلدارىنى جازالاش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مال–مۈلكىنى توڭلىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوباما ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ۋە دۆلەت كاتىپىغا بۇيرۇققا ئاساسەن سۈرىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازالاش تەدبىرى قوللىنىش ھوقۇقىنى بەردى.
18–مارت، سۈرىيەدە زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، بەزى جايلاردا نامايىشچىلار ۋە ھەربىي تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. ئوباما 29–ئاپرېل ئاساد ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولۇپ، سۈرىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈچ ئەمەلدارى، ئاخبارات ئاپپاراتى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ماددىي بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىگەن ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ قول ئاستىدىكى ‹‹ئېرۇسالىم قوشۇنى››نى جازالاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنىدى.
2004–يىلى مايدا، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇش سۈرىيەنى تېررورچىلىق تەشكىلاتىنى قوللىغان، دەپ جازالاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، بۇ بۇيرۇق سۈرىيەگە ئېكىسپورت قىلىدىغان يېمەكلىك ۋە دورىدىن باشقا، ھەرقانداق مەھسۇلاتنى چەكلەش، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ سۈرىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش، سۈرىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى مال– مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. بۇلتۇر مايدا، ئوباما بۇ جازالاش تەدبىرلىرىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.