ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستاندا 3 قوراللىقنى پارتلىتىپ ئۆلتۈردى

2011-يىلى05-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 13-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا 3 نەپەر قوراللىق ئادەمنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن. يەرلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى:ئامېرىكىنىڭ بىر ئ
   


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 13-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا 3 نەپەر قوراللىق ئادەمنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن. يەرلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى:ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىر ماشىنىغا ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى، ئاز دېگەندە 3 قوراللىقنى پارتلىتىپ ئۆلتۈردى« دېگەن.
پاكىستاندىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 80 ئادەم ئۆلدى


پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چارساداھ رايونى شەب قادىر چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسى مەشىق مەركىزىدىكى 13-ماي يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا، ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 80 ئادەم ئۆلگەن، 140 نەچچە ئادەم يارىدار بولغان. ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى يېڭى ئەسكەرلەر ئىكەن. تالىبان بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئەنگىلىيە 13-ماي پاكىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى باياناتىدا تالىباننىڭ پاكىستان مەشىق مەركىزىگە قوزغىغان ھۇجۇمىنى «ئاجىز، قارىغۇلارچە ھۇجۇم يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ھەمدە پاكىستاننى قوغداۋاتقان ئەسكەرلەر ھۇجۇم قىلدى» دېگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر