چىمەنگۈل قېسىم
خىمىيە دەرسى تەجرىبىنى ئاساس قىلىدىغان دەرسلىك بولۇپ، ئىشلەنگەن ھەر بىر تەجرىبە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ خىمىيە دەرس بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. خىمىيە دەرسلىكى ماددىي دۇنيانىڭ تۈپ ماھىيىتىنى، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئوبيېكتىپ ھالدا يەكۈنلەپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى خىمىيە تەجرىبىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى قوزغىتىپ، يەنە تېخى ئورۇنلانمىغان نۇرغۇنلىغان خىمىيە تەجرىبە جەريانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستىكىنى قوزغىتىدۇ. ھازىر، خىمىيە ئىلمىدە ھەل بولغان مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر ئۇچۇر، ئۇنى بىلىش ئۇچۇردىن خەۋەردار بولغانلىق بولۇپ، بىلىم ئالغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئىزچىل ئىزدىنىپ ۋە تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا خىمىيە ئىلمىنى ئۆتۈشىدىكى مەقسىتى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارغا خىمىيە بىلىمىنى ئىگىلىتىش بولۇپ، خىمىيە دەرس ئوقۇتقۇچىسى تېخى خىمىيە دېگەن ئىلىمنى بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇنجى سائەتلىك خىمىيە تەجرىبىسىنى ئىشلەتكەندە، ناھايىتى چۈشىنىشلىك، ئاددىي تەرتىپ بويىچە بۇ دەرسلىكنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشى، ھە دېگەندىلا نەزەرىيەۋى بايانلار ۋە ئېلېمېنتلارنىڭ شەرتلىك بەلگىلىرىدىن گەپ ئېچىپ، خىمىيە دەرسلىكىنى مۇرەككەپلەشتۈرمەسلىكى كېرەك.
خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى خىمىيە تەجرىبىسىگە ئوقۇغۇچىلارنى ئەپچىللىك بىلەن باشلاپ كىرىۋالغاندىن كېيىن، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشى، ئۇلارنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى، خۇسۇسىيىتى، دېگەندەك مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئىلىمنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرى، خاراكتېرى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا پەيدا بولغان شۇ چۈشەنچە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى كەلگۈسىدە ماددا ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ، تەجرىبە توغرىسىدا تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە قىزغىنلىققا ئىگە قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى تەجرىبىگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، تەبىئەتتىن يەنە يېڭى ماددىلارنى تېپىپ چىقىدىغان يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن. شۇڭا، خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى خىمىيە تەجرىبىسىگە قىزىقارلىق ھالدا ئەپچىللىك بىلەن باشلاپ كىرىشى كېرەك.
خىمىيە دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى خىمىيە تەجرىبىسىگە باشلاپ كىرىش ئۈچۈن، خىمىيە دەرس تەجرىبىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر، قىزىقىش ئېڭى پەيدىنپەي يېتىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردا خىمىيە ئىلمىگە قىزىقىش ئېڭى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، خىمىيە دەرس ئوقۇتقۇچىسى خىمىيە دەرس تەجرىبىسىنى ئشلىگەندە، چۈشىنىشلىك قىلىپ تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى خىمىيە دەرس تەجرىبىسىگە باشلاپ كىرىشى كېرەك.
(ئاپتور: يېڭىسار ناھىيە ئەگۈس يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)