مۇھەممەد تۇراپ خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسى زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى نىشان قىلىپ، قارا تاش كەنتىدە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى قۇرۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش، دېھقانلار ئۆزى باشقۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 2870 موغا، مو بېشى كىرىمىنى 7500 يۈەنگە يەتكۈزدى.
بۇ يېزا 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 270 مو كۆلەمدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۆلچەملىك كۈن نۇرىلىق ئېنېرگىيە تېجەش پارنىكى ياساپ، ماشىنا ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى. 63 مو كۆلەمدىكى پارنىكقا پارنىك يوتقىنىنى ئاپتوماتىك ئېچىپ – ياپقۇچ ۋە تېمپېراتۇرىنى ئاشۇرۇپ شامالداتقۇچ سەپلەپ، سۇ، توك ۋە يولنى راۋانلاشتۇردى. ھازىر بۇ يېزىنىڭ پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن تەرخەمەك، شوخلىلىرى بازارغا كىردى. بۇ يېزا بۇلتۇر خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىشا ناھىيەسىدىن يېمەكلىك زەمبۇرۇغى مايسىسىنى كىرگۈزۈپ، پارنىكتا ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا يېڭى يول ئاچتى.
قاراتاش كەنتىدىكى پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش ماھىرى ئالىم سامساق ماڭا: ھازىر كەنتىمىزدىكى 12 ئائىلىلىك دېھقان 22 پارنىكتا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى مايسىسىنى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ، مەن بۇلتۇر 10 – ئايدا بىر مو پارنىكتا 1000 يېمەكلىك زەمبۇرۇغى مايسىسىنى ئۆستۈرگەنىدىم، ھازىرغىچە يېمەكلىك زەمبۇرۇغىدىن 3000 دىن ئارتۇقنى سېتىپ، 3500 يۈەندىن كىرىم قىلدىم، قالغانلىرىنى ساتسام 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ. دېمەك بىر مو يەردىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى مايسىسىدىن 7500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن، دېدى.
بۇ يېزا يەنە دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى سېتىۋېلىش، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ ئىختىيارلىقىنى ئاساس قىلىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەلا سورتلۇق مايسا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ۋە تەمىنلەش، تېرىشقا بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، مەھسۇلاتلارنى بىرلىككە كەلگەن باھا بويىچە سېتىشنى يولغا قويۇپ، كوپىراتىپ ئەزالىرىنى ئومۇمىي دائىرلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.