ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇھەممەدجان مۇرتىزا، ئۆمەرجان راخمانلار خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرلىكتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ناھىيەگە قاراشلىق ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 350 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم، ھۆسنخەت ئەسىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ياسىغان 50 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل مودېل ۋە ئەۋرىشكە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمىنى 5000 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار كۆردى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىش ۋە پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يەنىمۇ بىر بالداق يوقىرى كۈتۈرۈلدى.
ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل ژانىردىكى رەسىم ۋە ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى كۆرمەكتە
ئاتا–ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئىجاد قىلغان مودېل ۋە ئەۋرىشكىلەرنى كۆرمەكتە