
جۇڭگو خەلقئارا لىنىيىسىنىڭ 13-ماي خەۋىرى: ئەنگىلىيە «كۈندۈلۈك خەت-چەكلەر» تورىنىڭ 12-مايدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ب د ت نىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئول گۇرۇپپا 12-ماي ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان، دوكلاتتا ئىران دۇنياۋى ئەتكەسچىلىك تورىنى تەشكىللىمەكتە، ئىران ئەتكەسچىلىك سودى ئارقىلىق ھەر خىل چەكلەنگەن ئەشيالارغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ يادرو تۈرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ دېگەن.
ب د ت نىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى نازارەت قىلىشقا مەسئول تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئىران دۇنياۋى ئەتكەسچىلىك يولى ئارقىلىق ھەر خىل توشۇش چەكلەنگەن ئەشيالارغا ئېرىشىپ، داۋاملىق يادرو پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىۋېتىپتۇ. دوكلاتتا:«گەرچە ب د ت ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتىنى نەچچە نۆۋەت چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىران چەتئەللەردىكى تەمىنلەش سودىگەرلىرى، ساختا شېركەتلەر ئارقىلىق يەنىلا ھەر خىل ئەشيالارغا ئېرىشەلەيدۇ. جازالاش ئىراننىڭ ئۇران قۇيۇلدۇرۇش مۇساپىسىنى ھەقىقىي چەكلەش رولى ئوينىيالمىدى. ئىران ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق جازادىن ساقلاندى ھەمدە داۋاملىق شۇنداق قىلماقتا» دەپ يېزىلغان.
ب د ت نىڭ جازالاش قارارىغا ئاساسلانغاندا، ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ھەر خىل ئەشيالار سودىسى، بىر قىسىم ئەنئەنىۋى قوراللار سودىسى قىلىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئەمما تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بايقىشىچە، ب د ت نىڭ جازالىشى پەقەت ئىراننىڭ بۇ ئەشيالارغا ئېرىشىش جەھەتتىكى يولىنى پەقەت «تېخىمۇ قىيىن، تېخى قىممەت، تېخىمۇ خەتەرلىك» قىلالىغان. ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى قورال ئەسكەس قىلىش، ساختا شېركەت ئارقىلىق سودىنى يوشۇرۇش، قورال تەتقىق قىلىش دېگەندەك بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى شەپە چىقارماي قىلىۋېتىپتۇ.
2010-يىلى 10-ئايدا، نېگىرىيە تەكشۈرۈش خادىملىرى لاگوستا توختىتىپ قويۇلغان ئىراننىڭ كېمىسىنى بايقىغان، نەچچە يۈز توننا ئېغىرلىقتىكى راكېتا بومبا، مىنامىيوت، قول بومبا قاتارلىق قورال-ياراغلار قاچىلانغان. 2 نەپەر ئىرانلىق ئەر ۋە بىر گۇمانلىق ساختا شېركەت تەكشۈرۈلگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!