ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئۇكرائىنا چېخنىڭ 2 دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنى قوغلىۋەتتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەر شارى تورىنىڭ 14-ماي خەۋىرى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، چېخنىڭ ئىككى نەپەر دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۇلارنى مەخپىي ئۇچۇر ئو
  


يەر شارى تورىنىڭ 14-ماي خەۋىرى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، چېخنىڭ ئىككى نەپەر دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۇلارنى مەخپىي ئۇچۇر ئوغرىلىماقچى بولدى دەپ ئەيىبلىگەن.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، چېخ ھەربىي ئەمەلدار باشقارمىسىدىكى ئىككى نەپەر خىزمەتچى خادىمى ئۇكرائىنادا دېپلومات سالاھىيىدىن پايدىنلىنىپ، دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلىماقچى بولغان. ئۇكرائىنا باياناتىدا يەنە بۇ ئىشقا قارىتا كۈچلۈك قارىشىلىقىنى بىلدۈرگەن، ھازىرغا قەدەر، چېخ ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا باھا بەرمىگەن.
 بۇ يىل بىرىنچى ئايدا، چېخ ئۇكرائىنانىڭ سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى بوھدان دانيليشىن (Bohdan Danylyshyn) غا سىياسىي پاناھلىق بەرگەن. بوھدان سابىق باش مىنىستىر تېموشېنكوۋنىڭ ئىتتىپاقدىشى، تېموشېنكوۋ 2010-يىلدىكى پىرىزدېنت سايلىمىدا ھازىرقى پىرىزدېنت يانۇكوۋچنىڭ ئاساسلىق رەقىبى بولغان. ئاخباراتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، چېخ بۇ يىل بوھدانغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى ئۇكرائىنانىڭ خېلى غەزىپىنى كەلتۈرگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر