ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

‹‹لوندون تەييارلىق قىلماقتا››ناملىق ئوت م سىناق مۇسابىقىسى 5–ئاينىڭ ئاخىرى باشلىنىدۇ

2011-يىلى05-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 6 – ماي تېلېگراممىسى:  ‹‹خەيرلىك بېيجىڭ›› ناملىق يۈرۈشلۈك مۇسابىقە بېيجىڭ ئو ت م نىڭ سىناق مۇسابىقىسى ئىدى، ھازىر لوندون ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتى 2012 – يىللىق ئو ت م ئالدىدىكى سىناق مۇسابىقىسىگە ‹‹لوندون تەييارلىق قىلماقتا›› دەپ نام قويدى، بۇ مۇسابىقە 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن كېلەر يىلى 5 – ئايغىچە ئۆتكۈزۈلۈپ، 2012 – يىللىق ئو ت م ۋە مېيىپلەر ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەجرىبە توپلىنىدۇ.

    ‹‹لوندون تەييارلىق قىلماقتا›› ناملىق يۈرۈشلۈك مۇسابىقىدە، ئاساسلىقى، ئو ت م ۋە مېيىپلەر ئو ت م مەيدانى، مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، نومۇر خاتىرىلەش ۋە ۋاقىت خاتىرىلەش سىستېمسى، شۇنداقلا مۇسابىقىنىڭ مۇھىم مەشغۇلات تەرتىپى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلىدۇ. لوندون ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بىريىلدا ئون مىڭدىن كۆپ پىدائىي، 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ 8000 دىن كۆپ تەنھەرىكەتچىسى، شۇنداقلا 250 مىڭدىن كۆپ تاماشىبىن ئو ت م دىن ئىبارەت بۇ كاتتا مەرىكىنىڭ تەييارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.

    مارافونچە يۈگۈرۈش تەكلىپ مۇسابىقىسى ۋە ئەنگلىيە يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 20 كىلومىتېرغا يورغىلاپ مېڭىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 30 – ماي ئو ت م مەيدانىدا ئالدى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ، ‹‹لوندون تەييارلىق قىلماقتا›› ناملىق يۈرۈشلۈك مۇسابىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلايدۇ، بۇ ئىككى مۇسابىقىنىڭ ھەر بىرىگە ھازىرچە 50 ماھىر تەكلىپ قىلىندى. 20 – ئىيۇندىن 3 – ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋىمبلېدون تېننىس توپ لەۋھ تالىشىش مۇسابىقىسىمۇ ئو ت م سىناق مۇسابىقىلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، 8 – ئايدا ‹‹ۋېمبلېي›› تەنھەرىكەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا پەي توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىمۇ 2011 – يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، 16 – ئاۋغۇستىن 21 – ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان لوندون خەلقئارا ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى، شۇنداقلا 19 – ئاۋغۇستتىن 20 – ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى كىچىك چاقلىق ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى كىشىلەرنى ئو ت م باغچىسىنى بالدۇرراق كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

    

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!