ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

سايرامنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى 5–ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2011-يىلى05-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

روشەنگۈل ئابدۇراھمان خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى 13 – ماي ئۈرۈمچىدە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 5 – نۆۋەتلىك سايرامنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى 27 – مايدىن 2 – ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 534 كىلومېتىر بولۇپ، جىڭ ناھىيەسى، ئالاتاۋ پورتى، ئارشاڭ ناھىيەسى، سايرام كۆلى، بورتالا شەھىرىدىن ئىبارەت بەش مۇسابىقە بۆلىكىگە بۆلۈنىدىكەن. ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئالاتاۋ ئېغىزى بۆلىكى قوشۇلۇپ، مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 150 ماھىر قاتنىشىپ، مۇسابىقە گۇرۇپپىسى ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن. ماھىرلارنىڭ ياش ئۆلچىمى 18 ياشتىن 60 ياشقىچە ئىكەن. مۇسابىقە ‹‹جۇڭگو ۋېلىسىپىت مۇسابىقە ئۆلچىمى›› بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

سايرامنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ئىلگىرى تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن، شۇنداقلا بورتالا ئوبلاستىنى تەشۋىق قىلىش، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى مەملىكەتكە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!