ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز توختىقارى نۇر خەۋىرى ، فوتوسى : 7ــ مايدىن 8 ــ مايغىچە پايتەختتىكى ئالىي بىلىم يۇرتى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان،بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمىقى مۇسابىقە بېيجىڭىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتكى مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرشتى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىر ھەبىبۇللا خوجا باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلىدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرستېتى ، جوڭگۇ خەلق جامائەت خەۋپىسىزلىك ئۇنىۋېرستېتى ، بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرستېتى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق 20دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن 16 كوماندا قاتناشتى.
ئىككى كۈن كەسىكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرستېتى ۋەكىللەر كوماندىسى بۇ قېتىمىقى مۇسابىقىنىڭ چىمپيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ۋەكىللەر كوماندىسى ئىككىنچى دەرىجىگە، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ۋەكىللەر كوماندىسى ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى.