ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز ساتتار خەۋىرى، فوتوسى: توقسۇ ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ‹‹سەبىي قەلبىمىز پارتىيەگە تەلپۈنەر، بەختىيار ئۆسۈپ يېتىلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى پەرزەنتى بولايلى›› تېمىسىدا گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇردى. مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ 100 پارچىدىن كۆپرەك گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىي تەربىيەگە ئىگە قىلدى.