ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

رەقىپلەر تار كوچىدا ئۇچراشتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    5 ــ ماي كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېمپىيونلار لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ  ئىككىنچى مەيدان ئۇچىرىشىشىدا ، ئىنگلاند مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە شالكې 04 كوماندىسىنى  ئۇتۇپ ، ئومۇمىي نومۇردا 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى .

    مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە بارسېلونا كوماندىسى بىلەن ئۇچىرىشىدۇ . 2009 ــ يىلى بۇ  ئىككى كوماندا ياۋروپا چېمپىيونلار لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچىرىشىپ ، بارسېلونا كوماندىسى ئاخىرقى  غەلىبىگە ئېرىشكەنىدى .

       
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!