ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىسراتانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى كونترول قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا تورى لىۋىيە بېنغازى 11 -ماي تېلېگراممىسى : لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ دېپلوماتىيە ۋە ھەربىي تارمىقىدىكى خادىم 11 - ماي ، ئۆكتىچىلەر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شۇ كۈنى پايتەخت تىرىپولىغا 200 كىلومېتىر كىلىدىغان ، شەرقتىكى شەھەر مىسىراتا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ، بۇ شەھەرنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان .

    لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھەربىي قوماندانى مۇخبىرغا ئۆكتىچىلەرنىڭ شۇ كۈنى مىسراتا ئايرودۇرۇمىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ھەمدە ئايرودۇرۇمدىكى كازافىي قىسمىنى تەسلىم قىلغانلىقىنى ئېيتقان .

    لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت ›› دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى رامىن مۇخبىرغا ئىككى تەرەپنىڭ مىسراتادا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىنىڭ نەچچە كۈن بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى ئېيتقان . رامىن مۇنداق دېگەن : مىسراتا بولسا لىۋىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى ، پايتەخت تىرىپولى ۋە لىۋىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بېنغازىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان شۇنداقلا لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارغا بېرىشتىكى مۇھىم ئېغىز ، ئەگەردە بۇ شەھەرنى ئېلىۋالساق ، بىز بىۋاستە رىتان شەھىرىگە ئەسكەر كىرگۈزىمىز .

   يەنە بىر لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت ›› نىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ئۆكتىچىلەر نۆۋەتتە رىتان شەھىرىگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان بولۇپ ، رىتان شەھىرىگە 55 كىلومېتىر قالغان .   

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!