تۇرسۇن قۇربان، ئابدۇرېھىم ئەھمەد خەۋىرى : كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسىدا يېقىندا 3 – قېتىملىق ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ھەمكارلىق فوندى›› تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە يۈرچى كەنتىنىڭ 5 – مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى باھارگۈل قۇربان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ھەمكارلىق فوندى››دىن 3000 يۈەن ئېلىپ باقمىچىلىق قىلىپ، يىل ئاخىرىدا خېلىلا ھاللىنىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل يەنە 3000 يۈەن ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنغانىدىم، رەسمىيەتلەرنى ئاددىي بېجىرىپلا پۇلنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا ئىشەنچىم كامىل. ئۇقۇشىمىزچە، بۇ يىل ناھىيە بويىچە باھارگۈل قۇربانغا ئوخشاش يەنە 150 نامرات پارتىيە ئەزاسى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن.
بۇ ناھىيە يېزا – قىشلاقلاردىكى نامرات پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا ئىشلەۋاتقان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرىدىن قەرز ئېلىپ غەملەش يولى ئارقىلىق 2009 – يىلى تۇنجى قېتىم ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ھەمكارلىق فوندى›› تەسىس قىلىپ، يېزا – كەنتلەردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە بېيىش ئارزۇسى بولسىمۇ، دەسمايىسى يېتىشمىگەن تۆۋەن كىرىملىك پارتىيە ئەزالىرى ئائىلىسىگە بىر قىسىم تەننەرخى تۆۋەن، خېيىم – خەتىرى ئاز، ئۈنۈمى تېز تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا 20 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇلى بەرگەن. ئۈچ يىلدىن بۇيان، نامرات پارتىيە ئەزالىرىغا 3 مىليون 760 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ياردەم مەبلىغى تارقىتىلىپ، بىر تۈركۈم نامرات پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىلگەن.