ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى» نىڭ 11-ماي خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، كازافىنىڭ 11-ماي ترىپولىدىكى بىر مېھمانخانىدا بىر قانچە قەبىلە باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەن كۆرۈنۈشنى قويغان. بۇ كازافىنىڭ ئوغلى 30-ئاپرېل ش ئا ئە ت نىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جامائەت ئالىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشى ئىكەن.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كازافىنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرۈشىشى شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي كەچ سائەت 08:00 ئەتراپىدا سۈرەتكە ئېلىنغا بولۇپ، 11:30 دا تېلېۋىزوردا قويۇلغان. كۆرۈنۈشتە كازافى شۇ كۈنى قارا كۆزئەينەك تاقاپ، قوڭۇر رەڭلىك نىمچە كىيىپ ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن. قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە باشتىن ئاخىرى ئولتۇرۇپ، ئاستا سۈرئەتتە سۆزلىگەن.
شۇ كۈنى لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى مىسراتە ئايرۇدرۇمىنى قايتۇرىۋالغانلىقىنى، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئولجا ئالغانلىقىنى ئېيتقان. غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئەگەر بۇ قېتىملىق غەلبە مۇقىملىققا ئېرىشسە، ماددىي ئەشيا ۋە قالغان ئۆكتىچىلەر ئايروپىلان ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈپ، بۇ شەھەرنىڭ قورشاۋدا قالغان ۋەزىيىتى يەڭگىللىشى مۇمكىن ئىكەن.