ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى4–ئايدا%5.3ئۆستى

2011-يىلى05-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 11 – ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 11 – ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز ئاھالىسىنىڭ 4 – ئايدىكى ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى 3 – ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

    بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭكى %5.2، يېزىلارنىڭكى %5.8 ئۆسكەن؛ يېمەكلىك باھاسى %11.5، يېمەكلىكتىن باشقا بۇيۇملارنىڭ باھاسى %2.7 ئۆسكەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %5.9، مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ باھاسى %3.9 ئۆسكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!