‹‹ئۈرۈمچى ئاسمىنى››ناملىق كىنو بېيجىڭدا قويۇلدى
چېن فېڭ خەۋىرى : شىنجاڭ ‹‹تەڭرىتاغ›› كىنو ئىستۇدىيەسى، ‹‹خۇاشيا›› كىنو تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلىكتە ئىشلىگەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا سوۋغا قىلىنغان ‹‹ئۈرۈمچى ئاسمىنى›› ناملىق كىنو 5 – ماي بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق قويۇلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت تۇنجى قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.