شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 9 -ماي تېلېگراممىسى : ئۈچىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو -ئامېرىكا ئىستىراتېگىيەسى ۋە ئىقتىسادىي سۆھبىتى يىغىنى 9 -ماي ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرىدە ئېچىلدى . يىغىنغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلغان جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ چىشەن ، دۆلەت كومىسسارى دەي جىنگو ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى ، مالىيە مىنىستىرى گايتىنا ئايرىم -ئايرىم ھالدا تەبرىك سۆزى قىلدى . ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن يىغىندا سۆز قىلدى .