جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سۇرىيەگە قورال توشۇشنى چەكلەش، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 10 نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ شەخسىي مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار جازالاش تەدبىرى يۈرگۈزۈشنى قاتار قىلغان، جازاغا ئۇچرىغان خادىملار ئىچىدە سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ ئىنىسى ماھىر ئاساد (Maher al-Assad)مۇ بار ئىكەن.
بۇرۇنقى خەۋەرلەردە، فرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاسادغا بىۋاستە جازا يۈرگۈزۈشنى دەۋەت قىلغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى، ئەمما 9-ماي ياۋروپا ئىتتىپاقى جازالاش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندا، گەرچە پىرىزدېنت بەشىر ئاساد بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنىسى بار ئىكەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن ماھىر ئاساد سۇرىيە جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ مەسئولى، سۇرىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 4-برېگادىسىنىڭ كوماندىرى، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى باستۇرغانلارنىڭ باشلامچىسى دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇرىيەگە قورال-ياراغ ۋە باشقا نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئەشيالارنى توشۇشنى چەكلەشنى قارار قىلغان، نامايىشچىلارنى زورلۇق بىلەن باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن 13 نەپەر سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلاتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كىرىشىنى رەت قىلغان. ئامېرىكا سۇرىيەنى ئىنسانىي ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ بېكىتتى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!