ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئايال ساقچىغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2011-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

  5 ــ ماي چۈشتىن بۇرۇن ، ۋىنجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت ساڭنەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئايال ساقچىغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ ، شى جېڭزەن ، يې چاڭفىڭ ، ۋۇ جىڭچا قاتارلىق ئۈچ جىنايەتچىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى .

    2010 ــ يىلى 7 ــ ئۆكتەبىر كۈنى ، ساڭنەن ناھىيەسىدىكى 37 ياشلىق ئايال ساقچى ۋاڭ XX قىزىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ، ئاق راڭلىك باۋما X1 ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمىگەن . ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى تاپشۇرۇۋالغاندىك كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، 9 ــ ئۆكتەبىر فۇجيەن ئۆلكىسى جىڭخې ناھىيەسىدە شى جېڭزەن ، يې چاڭفىڭ ، ۋۇ جىڭچا قاتارلىق ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن . سوراق قىلىش ئارقىلىق ئايال ساقچى ۋاڭ XX نىڭ بۇ ئۈچ جىنايەتچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ، ۋاڭ XX نىڭ يېنىدىكى 1870 يۈەن نەق پۇلنى بۇلاپ ، بانكا كارتىسىدىكى 2700 يۈەن پۇلىنى ئېلىۋالغانلىقى ئېنىقلانغان . شى جېڭزەن يەنە ۋاڭ XX قا باسقۇنچىلىق قىلغان ، ئاخىرىدا چىنايەتچىلەر  ۋاڭ XXنى ئۆلتۈرۈپ ، جەسىتىنى كۆمۈۋەتكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!