ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى : 3 ــ ماي چۈشتىن كېيىن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 ــ باشلانغۇچ مەكتەپ مۇخبىرلار كۈتىۋىلىش يىغىنى ئېچىپ ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 ــ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بۇ يىل ئىيۇلدا شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹ ۋېيفاڭ لوڭقىسى ›› خەلقئارا ياش ــ ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى .
مەكتەپ مۇدىرى جىلىل غۇپۇر مۇنداق دېدى : مەكتىپىمىز ئاپتونوم رايون بويىچە پۇتبول ئەنئەنىۋى مەكتىپى بولۇپ ، ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول تۈرى مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ كەلدى . يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ تەڭرىتاغ لوڭقىسى ›› پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى . بۇ بىزنىڭ ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول تۈرىدە توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىمىزنىڭ نەتىجىسى . بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى مەكتىۋىمىز پۇتبول كوماندىسى بۇ يىل شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹ ۋېيفاڭ لوڭقىسى ›› خەلقئارا ياش ــ ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى . بۇ بىزنى خۇشال قىلىدىغان ۋە رىغبەتدۈرىدىغان بىر خەۋەر بولدى . بۇ شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق ياش ــ ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىغا تەكلىپ قىلىنىشى ھىساپلىنىدۇ . بىز بۇ خۇش خەۋەردىن كۆپچىكىلىكنىڭ ئورتاق بەھرىمان بولىشى ئۈچۈن ھەرقايسىڭلارنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدۇق . ››
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 ــ باشلانغۇچ مەكتەپ ئىنقىلابىي قۇربان يولداش ماۋ زېمىن1939 ــ يىلى مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرغان مەكتەپ بولۇپ ، 2004 ــ يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىكى 7 ــ باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ، ئەسلىدىكى مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن مىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . بۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ياش ــ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇ ــ ئوقۇتۇش ئىشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ، ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مائارىپىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ ، نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . بولۇپمۇ ، پۇتبول تۈرىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، 1987 ــ يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پۇتبول ئەنئەنىۋى مەكتىپى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 ــ باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى يارمۇھەممەت مەخسۇت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : ‹‹ نۆۋەتتە ، مەكتىپىمىزدە 4 پۇتبول كوماندىسى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسى ، بىرى قىزلار پۇتبول كوماندىسى . ئوغۇللار كوماندىسى يىللىقلار بويىچە ئايرىلغان بولۇپ ، بىرىنچى ، ئىككىنچى يىللىقتىن بىر كوماندا ، ئۈچىنچىن ، تۆتىنچى يىللىقتىن بىر كوماندا ، بەشىنچى ، ئالتىنچى يىللىقتىن بىر كوماندا تەشكىللەپ ، بىر قەدەر سېستىمىلىق تەربىيەلەش مىخانىزىمىنى ئورناتتۇق . بۇنىڭدىن بۇرۇن ، مەكتىپىمىزدىن چىققان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسغا تاللانغان ، بۇنىڭدىن كېيىن ، مەكتىپىمىز پۇتبول ئاساسى سالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك كوماندىلارغا تاللىنىپ ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن شەرەپ ئېلىپ كىلەلىسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن . ››
‹‹ ۋېيفاڭ لوڭقىسى ›› خەلقئارا ياش ــ ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىپى 2006 ــ يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇسابىقە بولۇپ ، ‹‹ پۇتبول چولپانلىرى بۆشىكى ›› دەپ نام ئالغان ‹‹ تۇۋلۇن لوڭقىسى ›› خەلقئارا ياش ــ ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ياش ــ ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى قىلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان . 2006 ــ يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي تۆت قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، بۇ يىلقىسى بەشىنچى قېتىملىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ ۋېيفاڭ لوڭقىسى ›› خەلقئارا ياش ــ ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىپى چېمپىيون بولغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم ــ ئايرىم ھالدا ، ئاۋسترالىيە دۆلەت ياشلارــ ئۆسمۈرلەر كوماندىسى ، بارسېلونا ئىسپانىيەلىكلەر كۇلۇبى ياش ــ ئۆسمۈرلەر كوماندىسى چېمپىيون بولغان .
نۆۋەتتە ، مەكتەپ كوماندىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرى ۋە شەنبە ، يەكشەنبە كۈنىلىرىدىكى ۋاقىتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئىيولدىكى ‹‹ ۋېيفاڭ لوڭقىسى ›› خەلقئارا ياش ــ ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ .