ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 1–ماي ‹‹بازا›› تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادېننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈندىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا باشلانغان بىن لادېننى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ زور غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما، بىن لادېن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ مەنىۋى داھىيسى سۈپىتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ناھايىتى ئاز قوماندانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنى ‹‹تېررورلۇققا قارشى تۇرغانسېرى تېررورلۇق كۈچىيىش››تەك غەلىتە ھالەتتىن قۇتۇلدۇرالىشى ناتايىن.
2001–يىل 9–ئاينىڭ 11–كۈنى نيۇ يورك دۇنيا سودا مەركىزى ۋە ۋاشىنگتوندىكى بەشبۇرجەكلىك بىنا قاتارلىق جايلار تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىن لادېن ئامېرىكىنىڭ 1–دۈشمىنىگە ئايلاندى. ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئافغانىستان ۋە ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىپ، تالىبان ۋە سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئىككى دۆلەتنى ئېغىر بالايىئاپەتكە ئۇچراتتى.
ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىراق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۈچىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستاندا داۋاملىق ئەسكەر كۆپەيتتى. ئۇرۇش سىياسىتى ئامېرىكىغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە تېررورلۇق تەھدىتىنى مەلۇم دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتتى: ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقى يەمەندە كۈچەيدى؛ ئامېرىكىدا يەرلىك تېررورچىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. بولۇپمۇ 2009– يىلى 12–ئايدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە بۇلتۇر ‹‹نيۇ يورك ۋاقتى›› گېزىتى مەيدانىدىكى سۇيىقەست ئامېرىكىلىقلارنى تېخىمۇ يۈرەكئالدى قىلىۋەتتى.
بۇ ئەھۋاللار شۇنى چۈشەندۈردىكى، ‹‹بازا›› تەشكىلاتى يوقالمىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيدى، بىن لادېن قاتارلىق يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەر يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشقا ئامالسىز قالدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ تارماقلىرى ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇپ، تېررورلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش تېخىمۇ قىينلاشتى.
‹‹ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى››نىڭ بىن لادېننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بېسىلغان ئاخبارات تور بېتىدە بىر يانداشما تەكشۈرۈش ماتېرىيالى بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئوقۇرمەنلەردىن بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خاتىرجەملىك ھېس قىلدىڭىزمۇ –يوق؟ دەپ سورالغان. تەكشۈرۈش باشلانغاندا، خاتىرجەملىك ھېس قىلغانلار بىلەن خاتىرجەمسىزلەنگەنلەرنىڭ سانى ئوخشاش چىققان، ئارقىدىنلا خاتىرجەمسىزلەنگەنلەرنىڭ سانى ئېشىپ كەتكەن، ئوباما خەۋەرنى جاكارلاپ ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، خاتىرجەمسىزلەنگەنلەرنىڭ نىسبىتى %57 كە يەتكەن.
ئون يىللىق ئۇرۇش تېررورلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. تېررورىزمدىن ئىبارەت بۇ غەلىتە مەخلۇقنى كۈچەيتىۋەتكىنى دەل ئۇرۇش سىياسىتى ۋە مۇشتۇمزورلۇق پەيدا قىلغان ئاداۋەت. تېررورىزمنى مەغلۇب قىلىشتا زۇلۇم ئۈستىگە زۇلۇم پەيدا قىلىدىغان بومبا، مىلتىق ۋە زەمبىرەككە ئەمەس، بەلكى پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ھەرىكەتكە تايىنىش كېرەك. ئامېرىكا بۇ نۇقتىنى توغرا تونۇپ يەتكەندىلا، تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنالايدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
بىن لادېنغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلار كۆرەي دېسىڭىز تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى چېكىڭ :
بىن لادېن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىنىڭ خەۋپسىزلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى
ئوساما بىن لادېن
‹‹بازا››تەشكىلاتى