ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

‹‹شىنجاڭنىڭ <4–ماي>ياشلارمېدالى ›› غا ئېرىشكەنلەر تەقدىرلەندى

2011-يىلى05-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    لالە خېلىل خەۋىرى : شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ دەۋر روھىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە 10 – نۆۋەتلىك ‹‹شىنجاڭنىڭ <4 – ماي> ياشلار مېدالى››غا ئېرىشكەنلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 3 – ماي چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى بەشىنچى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى، چارلاش ئوتتۇرا ئەترىتى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى ۋاڭ لەن قاتارلىق 10 – نۆۋەتلىك ‹‹شىنجاڭنىڭ <4 – ماي> ياشلار مېدالى››غا ئېرىشكەن 16 ياش تەقدىرلەندى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىندا مۇنداق دېدى: ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلار يېڭى ۋەزىيەتتە زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت ۋە مۇقەددەس بۇرچنى چوڭقۇر تونۇپ، دەۋر مارشىنى ياڭرىتىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شانلىق نەتىجىلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لى جى، ئەركىنجان تۇنىياز، ئايۇپ تېيىپ، جەي شياۋخېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ھەم 10 – نۆۋەتلىك ‹‹شىنجاڭنىڭ <4 – ماي> ياشلار مېدالى››غا ئېرىشكەنلەرنى قوبۇل قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!