ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتۇسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى قوللىغان ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا–ئۇسسۇل ، دىراما ئۆمىكى ئورۇندىغان مۇزىكىلىق دىراما ‹‹چوڭ بازار›› 28–ئاپرېل كەچتە ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى .
كېچىلىكنى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماھىنۇر قاسىم ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۇمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى ھېيتەم ھۈسەيىن قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە تاماشىبىنلاردىن بولۇپ 700 گە يېقىن ھەر مىللەت ئاممىسى كۆردى .
‹‹چوڭ بازار›› ناملىق دىراما 2009–يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىراما ئۆمىكىنىڭ دىراما يازغۇچىسى ۋەن چىڭ ، گې يىلەر تەرىپىدىن سىنارىيەلەشتۈرۈلۈپ ، تۇنجى بولۇپ خەنزۇ تىلىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن . بۇ دىراما سەھنىلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ۋە ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ھەم ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولغان . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقرىپ ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا–ئۇسسۇل ، دىراما ئۆمىكىگە سەھنىلەشتۈرۈپ ، ئورۇنداشنى تاپشۇرغان .
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا–ئۇسسۇل ، دىراما ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مەدىنە ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى : ئۆتكەن يىلى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ‹چوڭ بازار› ناملىق دىرامىنى كۆرۈپ ، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئورۇنداشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ ۋەزىپىنى بىزنىڭ ئۆمەككە تاپشۇردى . ئۆتكەن يىلى 9–ئايدا بىز ‹چوڭ بازار› ناملىق دىرامىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرنى ئىشلىدۇق . بۇ يىل 3–ئاينىڭ 20–كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي تەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق . ئۆمىكىمىزدىكى ئارتىسلانىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشى بىلەن مانا بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۇق .
‹‹چوڭ بازار›› ناملىق بۇ مۇزىكىلىق دىراما ئۈچ پەردىلىك بولۇپ ، بىرىنچى پەردىدە 80–يىللاردىكى ‹‹چوڭ بازار››نىڭ تەرەققىياتى تەسۋىرلەنگەن . بۇ پەردىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى چوڭ بازاردىن ئىبارەت بۇ سودا–سېتىق مەيدانىدىكى تەسىرلىك ئىش–ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن . ئىككىنچى پەردىدە ، 90–يىللاردا ‹‹چوڭ بازار››دىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ‹‹چوڭ بازار››دا تۈرلۈك سودا–سېتىق قىلىپ تۇرمۇشىنى خۇشال–خورام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ، شۇنداقلا سودا–سېتىق كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى كېڭەيگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن . ئۈچىنچى پەردىدە، 2010–يىلدىن كېيىنكى ‹‹چوڭ بازار››نىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرى ، بازاردىكى ھەر مىللەت تىجارەتچىلىرىنىڭ سودا كۆلىمىنىڭ چوڭايغانلىقى ، ئۇلارنىڭ بىر–بىرىگە غەمخورلۇق قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ، بازاردىن ئىبارەت بۇ تىجارەت سورۇنىدا، بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، كىيىم–كېچەك، مىللىي ئۆرپ–ئادەتلىرىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقى ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر نىيەت –بىر مەقسەتتە گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن .
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا–ئۇسسۇل ، دىراما ئۆمىكىدىكى ئارتىسلارنىڭ جاپالىق تەييارلىق قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ دىراما كېچىلىككە قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ ۋە ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . كېچىلىككە قاتناشقان ئۈرۈمچىلىك تاماشىبىن مەردان ئاكا مۇنداق دېدى: مەن ئالدىنقى يىلى ‹چوڭ بازار› دىرامىسىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكىسىنى كۆرگەن ، لېكىن نۇرغۇن يەرلىرىنى چۈشىنەلمىگەنىدىم . بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا–ئۇسسۇل ، دىراما ئۆمىكىنىڭ بۇ درامىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇندىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆرگىلى كەلدىم . ‹چوڭ بازار› ناملىق بۇ دىراما ئۇيغۇر تىلىدا ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپتۇ ، ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باياشات تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ . مەن كۆرۇپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم .