ۋاڭ ياڭ نۇر بەكرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى ھەم شەرەپلىك بۇرچى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پائال ھەرىكەتلىنىپ، بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويدى، تۈرلۈك خىزمەتلەر كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەشقەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە باشلامچى بولۇشقا تىرىشىمىز.
نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن مەدىتى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردى، ھەر مىللەت خەلقى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، زور يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
خۇاڭ خۇاخۇا سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە كونكرېت تەلەپ قويدى: بىرىنچى، تەشكىلىي ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىلىدىغان رايونلارغا تېخنىكا ياردىمى بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، بازار ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاش كېرەك. ئۈچىنچى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئىچكى – تاشقى بازارنى بىرلىكتە ئېچىش ۋە ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئىككى جاينىڭ، جۈملىدىن قەشقەرنىڭ ئورۇن، سىياسەت ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى – تاشقى بازارغا يۈرۈش قىلىدىغان ‹‹يېڭى گۇاڭدۇڭ بىرلەشمە ئارمىيەسى››نى ئورتاق يارىتىش كېرەك. بەشىنچى، ئالاقىلىشىش، جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
نۇر بەكرى شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى جاينىڭ ياخشى ھەمكارلىشىش ئاساسى بار، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېچىۋېتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىلغار قاراش ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنى بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەتلىك، قالتىس، يۇقىرى سەۋىيەلىك يەرمەنكە قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
نۇر بەكرى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ياشلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىش پىلانى ۋە شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تەشكىللىك يولغا قويۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇنداق تەكلىپ بەردى: تەربىيەلەش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتىنى ئۆز قەرەلىدە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئورۇنداش كېرەك. پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قويۇق ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە سەرگەردان بالىدىن بىرنى بايقىسا، بىرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇ بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش كېرەك. ئۇ يەنە گۇاڭدۇڭدىكى شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر ۋە تىجارەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى. نۇر بەكرى باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە – ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 28 – ئاپرېل ئەتىگەندە گۇاڭجۇ فەنيۈ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا كېلىپ، بۇ يەردە تەربىيەلىنىۋاتقان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ياشلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئابىلمەجىن، ما مىڭچېڭ، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.