ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مىجىت ئىبراھىم ، زەۋەرگۈل قادىر خەۋىرى ، فوتوسى : 28-ئاپرېل ، پىچان ناھىيەسى ‹‹ 4-ماي ›› ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 92 يىللىقى ، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 89 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ يىغىن زالىدا داغدۇغىلىق تەغدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، پىچان يېزا ماچاڭ كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسى قاتارلىق ئىتتىپاق قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدىكى 19 ئىلغار كوللېكتىپ، لۈكچۈن بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئايتىللا قادىر قاتارلىق ئىتتىپاق قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى 20 ئىلغار شەخىس، پويىز ئىستانسسىسى بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى زۇلفىيە تۇرسۇن قاتارلىق 41 مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى، دالانكارىز يېزا چۇيار كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى ياش ۋاڭ كەيفۇ قاتارلىق 12 ئىلغار شەخىس ، پىچان بازىرىدىكى ‹‹ئەل قۇۋۋەت›› كەسمە چۆپ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئابلەي گايىت قاتارلىق ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش يولىغا ماڭغان 10 ئىلغار ياشنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلىدى . دىغار يېزا ‹‹ئۈمىد››مەكتىپى قاتارلىق 14 ئىتتىپاق (باش) ياچېيكىسىغا ‹‹4-ماي›› قىزىلبايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى دەپ نام بەردى. ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى رەيھانگۈل تۇردى قاتارلىق 500 ئوقۇغۇچى يېڭىدىن ئىتتىپاق ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى .
يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش
ئوقۇغۇچىلار ئىتتىپاققا كىرىش قەسىمى بەرمەكتە
ئىلغا كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر مۇكاپاتلانماقتا