ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى: شاڭخەي شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان پوسكام ناھىيە ئاقتام يېزىسنىڭ يېزا بازىرىنى ئۆزگەرتىپ، بازار تۈسىنى ئالغان شەھەرلەشكەن يېڭى يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە 400 ئائىلىنى يېزا بازىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىپ بىخەتەر، خاتىرجەم ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىش باشلاش مۇراسىمى 29–ئاپرېل ئۆتكۈزۈلدى.
پوسكام ناھىيەسى شاڭخەي شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە يۆلەش نۇقتىسى بولۇپ، قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىش باشلاش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن شاڭخەي شەھەرلىك ئۆلچەش، سىزىش، لايىھەلەش ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پوسكام ناھىيە ئاقتام يېزىسىغا كېلىپ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ئۆلچەش، سىزىش، لايىھەلەش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئارقىلىق، بۇ يېزىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، شۇنداقلا بۇ يېزىنىڭ كىچىك بازار تۈسىنى ئالغان شەھەرلەشتۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
مۇراسىمغا شاڭخەي شەھىرى ۋە ۋىلايەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، پوسكام ناھىيەسىدىكى تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرى، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ھەرقايسى ئىدارە جەمئىيەت ،كارخانا كەسپى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى يېزا(بازار)مەيدانلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئاقتام يېزىسىدىكى مەھەللىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ۋە دېھقانلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقتام يېزىسىنىڭ يېزا بازىرىنى ئۆزگەرتىپ، شەھەرلەشكەن يېڭى يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە ‹‹خەلقنى بېيىتىپ خاتىرجەم ماكانلاشتۇرۇش››قۇرۇلۇشى بولغان بۇ تۈرگە دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەت، شاڭخەي شەھىرى، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر پۇل چىقىرىپ جەمئىي 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىدە يەنە ئاھالىلەرگە ئۆلچەملىك مال قوتىنى، يۇقىرى ئۈنۈم، ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات پارنىكى ياساپ بېرىلگەندىن باشقا، كەنت، مەھەللىلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇش، چوڭ- كىچىك ئۆتۈشمە يوللارنى پۈتۈنلەي قاتتىقلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يوللارغا كوچا چىراغلىرى ئورنىتىپ يورۇقلاشتۇرۇش، تېلېفون، توك، سۇ، تەبىئىي گاز ۋە پاسكىنا سۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشلىرى بىرتۇتاش يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىكەن. دېھقانلار مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنڭ ئۇنىۋېرسال ئىككى قەۋەتلىك خىزمەت بىناسى قۇرۇلۇشى، كەنت مەدەنىيەت ئۆيى، مەكتەپ ۋە قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قاتارلىق بىرقاتار قۇرۇلۇشلار يېڭىدىن كېڭەيتىپ سېلىندىكەن.