ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

يېزا ئىگىلىك بانكىسى دېھقانلارنىڭ قەرز پۇل ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى

2011-يىلى04-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    تۇرسۇن قۇربان، ھۈسەنجان مۇرتىزا خەۋىرى : جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كەلپىن ناھىيەلىك شۆبىسى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىش مۇلازىمىتىدە مەشغۇلات تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھەقسىز ئۇنىۋېرسال كارتا تارقىتىپ، دېھقانلارنىڭ قەرز ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

    بۇ ناھىيەنىڭ قاراكۈت كەنتىدىكى موللاخۇن مەمتىمىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسى ھەقسىز تارقاتقان ئۇنىۋېرسال كارتا ئارقىلىق 30 مىڭ يۈەن قەرز پۇلغا ئېرىشتى. ئۇ بىزگە: بۇ كارتا بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە باقمىچىلىقنى كېڭەيتىش ئېھتىياجىمغا يېتەرلىك قەرز پۇلغا ئېرىشتىم. شۇڭا بۇ يىللىق كىرىمىمنىڭ بۇلتۇرقىدىن ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل، دېدى.

    ئۇقۇشىمىزچە، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسى بۇ يىل 1000 دېھقان ئائىلىسىنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، خادىملارنى سەپەرۋەر قىلىپ، قەرز پۇل ئالغۇچىلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش، پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئىگىلەش ئاساسىدا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارغا ھەقسىز ئۇنىۋېرسال كارتا تارقىتىپ بەرگەن. بۇ كارتا بانكىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە دېھقانلارنىڭ باشقا پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىدىنمۇ پۇل ئېلىش، قەرز قايتۇرۇش، ھېسابات يۆتكەش كەسىپلىرىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. ھازىرغىچە بۇ بانكا دېھقانلارغا يۇقىرىقى كارتا ئارقىلىق 22 مىليون يۈەندىن كۆپرەك قەرز پۇل تارقىتىپ بەرگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!