ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مىجىت ئىبراھىم ، زەۋەرگۈل قادىر خەۋىرى، فوتوسى: ‹‹1–ماي›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە ‹‹4–ماي›› ياشلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پىچان ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ، رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن ‹‹ جىنخۇي لوڭقىسى›› ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 26–ئاپرېل پىچان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانىدا باشلاندى .
ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقە 29–ئاپرېلغىچە داۋام قىلىدىكەن . مۇسابىقە ئاخىرىدا، نەتىجىسى گەۋدىلىك كوماندىلار 3 دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلىنىدىكەن .