شىنجاڭدىكى53مىڭ247كان ئىشچىسى كەپىلىك مەھەللىلەردىن خوشلىشىدۇ
شىنجاڭ ‹‹شەھەر گېزىتى›› مۇخبىرى جۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹لۇئەن›› شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چىنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدىن ‹‹لۇئەن›› شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۈچ كارخانىنىڭ مەركەز چۈشۈرۈپ بەرگەن كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرى مەبلىغىگە ئېرىشىش ئىلتىماسى دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹لۇئەن›› كارخانىسى خادىملىرىنىڭ ئۈچ يىللىق تىرىشچانلىقى بىكار كەتمىدى، ‹‹لۇئەن›› كارخانىسىدىكى ھازىرمۇ پاكار كەپە ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقان 5604 ئائىلىلىك كان ئىشچىسى ئائىلىسى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ قولغا كېلىشى بىلەن، بۇ كان ئىشچىلىرى يېقىن كەلگۈسىدە ئۆلچەملىك بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ئۈزۈل – كېسىل ياخشىلىنىدۇ.
مەركەز چۈشۈرۈپ بەرگەن كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرى مەبلىغىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكى يالغۇز ‹‹لۇئەن›› كارخانىسىدىكى كان ئىشچىسى ئائىلىلىرىلا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ‹‹شېنخۇا›› شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ كوكس كۆمۈرى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى كارخانىدىكى 5684 ئائىلىلىك كۆمۈر كان ئىشچىسى ئائىلىسىمۇ بۇ قۇرۇلۇشتىن مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. شىنجاڭ ‹‹شەھەر گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز چۈشۈرۈپ بەرگەن كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرى مەبلىغىنى ئىشلىتىپ، يېڭىدىن توققۇز مەھەللە قۇرۇپ، 11 مىڭ 288 ئائىلىدىكى 35 مىڭ 742 كىشىنى ئەمىن تۇرالغۇغا ئىگە قىلىدىكەن. سەپلىمە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش مەزمۇنى ئاساسلىقى: يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان مەھەللىلەر ھەم شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان سۇ تۇرۇبىسى، ئەۋرەز يولى، پار تۇرۇبىسى، گاز تەمىنلەش تۇرۇبىسى، توك سىم يولى، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ھەم يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان مەھەللىلەرگە سەپلىنىدىغان ئاھالىلەر كومىتېتى، ساقچىخانا، مەكتەپ (يەسلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دوختۇرخانا قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سەپلىمە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 254 مىليون 260 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز خامچوتىدىن سېلىنىدىغان مەبلەغ 127 مىليون 130 مىڭ يۈەن بولۇپ، قالغىنىنى ئاپتونوم رايونىمىز ھەل قىلىدىكەن.